ئورتاق كېچە

مەردان ئەھەتئېلى


.بۇ سۆزلەردىن ياسالغان كېچىدۇر
.بۇ ئومۇرتقىمىزغا چۆيۈندەك قۇيۇلغان كېچىدۇر
.بۇ بىزنى ساپما كەشتە ۋە كىتابلاردىكى ياتىقىمىزدا قوندۇرىدىغان كېچىدۇر
.بۇ بۇرنىمىزدىن زەققۇم يوپۇرماقلىرىنى تۆكىدىغان كېچىدۇر
.بۇ بىز جانان بىلەن ئېزىتقۇ ئوردىسىدا كۆڭۈل ئاچىدىغان كېچىدۇر
.بۇ بىز ھەركۈنى دەسسەپ ئۆتىدىغان جاينامازدىكى ئىزلىرىمىزنى يۇمران ئوت-چۆپكە
          ئايلاندۇرىدىغان ۋە كۆز ئالمىمىزنى ئۈزلۈكسىز ئېغىرلاشتۇرىدىغان باھار
          كېچىدۇر
.بۇ ئۈستۈنلۈكنى ئېھتىماللىققا ئايلاندۇرىدىغان ساماۋى كېچىدۇر
.بۇ ئۆلۈم شېئىرىيىتىگە سۈت بەرگەن ئانا كېچىدۇر
.بۇ بارلىق قەسىدىلەر، مەرسىيەلەر، نۇرلار ۋە يامغۇرلار مەڭگۈ يەتمەيدىغان كېچىدۇر
.بۇ ئاچ كېچىدۇر
.بۇ قىپيالىڭاچ كېچىدۇر
.بۇ شەيتاندىن ۋە خۇدادىن يىراق كېچىدۇر
بۇ بالىياتقۇدىكى ئاشۇ قاراڭغۇلۇقنى
بوۋاقلىقتىكى نامەلۇم يېغىنى
ئۆسمۈرلۈكتىكى بىر كىشىلىك ئويۇنلارنى
ياشلىقتىكى تۇنجى سۆيۈشۈشنى
قىرانلىقتىكى تۇيۇقسىز مەنىسىزلىكنى
ياشانغاندىكى ئېچىنىشلىق گۇگۇمنى
.سەكراتتىكى ۋەھىمىنى ئەسلىتىدىغان كېچىدۇر
بۇ قىرغاقتىن ئايرىلغىنىمىزچە
ئۇنىڭ تەر تۆشۈكچىلىرىمىزدىن ئېقىپ چىقىپ
.پۈتۈن بەدىنىمىزنى شىددەت بىلەن چىرمىشىنى سەۋىرچانلىق بىلەن كۈتىدىغان كېچىدۇر
بۇ پۈتكۈل ئىمارەتلەرگە، سايىلەرگە، ئەنئەنىلەرگە، ئاسىيلىقلارغا، ئىنقىلابلارغا،  
          تۆشەكلەرگە، شەپەرەڭلەرگە، رومانلارغا، مۇزىكىلارغا، رەسىملەرگە،   
          سەپەرلەرگە، قاتىللىقلارغا، .چېكىملىكلەرگە ئاسمان كېچىدۇر
.بۇ پۈتكۈل قەلەملەرگە سىياھ كېچىدۇر
.بۇ پۈتكۈل سىرلارغا قويۇن كېچىدۇر
.بۇ تارىخ زېمىنىنى تىلىدا سۈرۈپ كەلگەن دەججال كېچىدۇر
.بۇ مەنا ئورمانلىقىدا يۈرگىنىمىزدە، ئاياغ ئاستىمىزدىكى لاتقا كېچىدۇر
.بۇ نوھنىڭ كېمىسىنى پاچاقلايدىغان ۋە يەنە پالۇبىلارنى قارماق قىلىدىغان كېچىدۇر
.بۇ بارلىقىمىزنى ئاشۇ بىردىنبىر سۆزلەيدىغىنىغا تاپشۇرۇپ، جىمجىتلا قەدەم باسىدىغان 
          كېچىدۇر