ئىسمىم

ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت

مەن ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت
لېكىن ئىسىم مەندە مۇساپىر،
ئۆمۈچۈك تورىدەك كىيىلگەن ماڭا.
بەلكىم ئۇ قېچىپ كەلگەن
مەن بېرىپ باقمىغان ماكاندىن
تەكلىماكانغا.
خاتا يېزىلغان تېخى
خۇددى ھاياتىمدا خاتا سۆيگەن تۇنجى قىزدەك،
ھەم بەكلا ئۇزۇن
خۇددى سېغىنىشىمدەك،
ئاخىرى يوق خىياللىرىمدەك،
ھېچكىمگە ئېيتالمايدىغان ئازابلىرىمدەك.
چېقىلغان مەسچىتلەرگە ئوخشايدۇ بەزەن،
بەزىدە ئاتامدىن قالغان كونا قەبرىگە،
يەنە بەزىدە يۇپيۇمىلاق كۇچا نېنىغا.
چېگرادەك ئەگرى-بۈگرى سىزىقلىرى
ئايلاندۇرار مېنى
ئاتامنىڭ قەبرە بېشىدىكى بىر تۈپ قارىياغاچقا .
ئاتام پەيغەمبەر ئەمەس ئىدى مەن تۇغۇلغاندا،
لېكىن پەيغەمبەردەك قوغلاندۇق يۇرتىمىزدىن
«مۇھەممەت» ئىسمىدا.
مىڭ يىللىق شامالدا ئۇپرىغان تاشتەك
ئېسىپ قويۇلغانسەن پەقەت مۇزېي تېمىغا.
تىرىكى كىرىپ ئۆلىكى قالىدىغان ئەي مۇزېي -
راست - يالغىنى ئوخشاش ئەي دۇنيا،
ئۇچۇق كەتكەن كۆزلەرنىڭ قان داغلىرىدا،
ئىسىملار چېچەكلەر قۇم رەڭگىدە.
ئەگەر ئىسمىم خالىسا مېنى
مەن ئۆلگەندە
ئىسمىم بىلەن يۇيۇڭلار مېنى.

2020-11-22