ئۈچ شېئىر

تاھىر ھامۇت ئىزگىل

يول

1

زىمىستاندىن ئامان قالغان بىر ئادەم بولسۇن
ئۇ يامغۇرنى قويۇن يانچۇقىغا سېلىپ
شامال ئۇرۇقىنى ئېتىزغا چېچىۋاتقان
بىر دېھقاننىڭ قېشىغا بارسۇن
ۋە ئۇنىڭغا : «مانا مەن كەلدىم» دېسۇن
قايتاشىدا يەتتە ئۆيدىن پاختا تىلەپ
بارماقلىرىغا قىستۇرۇپ ماڭا كۆرسەتسۇن

2

ئەتىگەنلىك ناشتىغا ماڭغان بىر پەرىشتە بولسۇن
ئۇنىڭ قولىدا كۆك رەڭلىك بىر پوسۇلكا بولسۇن
ئۇ ئاشۇ پوسۇلكىنى تېز يوللانمىدا ماڭا ئەۋەتسۇن
ئۇنىڭ ئىچىدىن بىر بۇلبۇلگويا چىقسۇن
ۋە ماڭا : «مانا مەن كەلدىم» دېسۇن
ئۇ پەرىشتە ئۆيىگە قايتىپ
پاختىدىن جىن چىراققا پىلىك ئەشسۇن

3

يىراق چۆل-باياۋاندا پەقەت مەن ئۈچۈنلا ئۆسكەن
مەندىن باشقا ھېچكىم دىققەت قىلمىغان
بىر تۈپ دەرەخ بولسۇن
ئۇنىڭ غولى تۆمۈر،يوپۇرمىقى كۈمۈش،مىۋىسى ئالتۇن بولسۇن
مەن شامالنىڭ ئۇرۇقىنى قويۇن يانچۇقۇمغا سېلىپ
ئۇنىڭ قېشىغا باراي
ۋە ئۇنىڭغا : «مانا مەن كەلدىم» دەي
قايتاشىمدا
رۇجەك تۈۋىدە جىن چىراق ئاستىدا ئولتۇرۇپ
بۇلبۇلگويانى چۈشەپ مۈگىدەۋاتقان
دېھقاننى كۆرەي


2015- يىل مارت، ئۈرۈمچى





چەك-چېگرا

ئىككىمىزنى ئايرىۋەتمەك تەس
شۇڭا مەن زورلۇق كۈچ ئىشلىتىشكا پېتىنالمايمەن
چۈنكى ھەر ئىككىمىزگە زەخمە يېتىشى مۇمكىن
مېنىڭ نەزەرىمدە
بېيجىڭ ھاكنىڭ ھاسىلاتى
چەك-چېگرا دەل ئاشۇ يەردە
بۇتخانىنىڭ ئارقا ھويلىسىغا تۇتىشىدىغان
تاش تامنىڭ ئۈستىدە
خۇددى ئوتتۇرا ئاسىيالىقلارنىڭ يالىڭاچ نېرۋىسىدەك
مۇتلەق تەمكىن

ۋەھالەنكى، مەن تەمكىنلىكنى تىلغا ئالساملا
نېرۋىنىڭ قۇرۇلما گۈزەللىكى 
مىسىر فىرئەۋنلىرىنىڭ پاپا كۈتكۈچىلىرى
سېنىڭ غەلىتا تەلەپپۇزۇڭ … قاتارلىق
ناھايىتى ئوماق بىرمۇنچە ئۇقۇملار ئېسىمگە كېلىدۇ


1994- يىل سىنتەبىر، بېيجىڭ‬





ئارىلىق

بىز تومۇزغىلارنىڭ سايرىشىغا تاقابىل تۇرالمايمىز.
كۆپۈنكى ئەينەكنىڭ ئارقىسىدا
دوختۇرخانىنىڭ بىناسى،ئارىلىق.
سېستىرالارنىڭ شەكلى ئۆزگەرگەن چىرايى
بىزنىڭ ھەجۋى رەسىمدەك ئولتۇرىشىمىزنى كۆزىتىدۇ.

بىز سوغۇق سۇ بىلەن ھاراق ئىچكەچ
دەرىزىنى ئېچىۋېتىپ،يېرىم يالىڭاچ ھالدا
تۇرمۇش،مىللەت ۋە قىزلار توغرىسىدا
زەھەرخەندىلەرچە پاراڭلىشىمىز.
تومۇزغىلارنىڭ ئاۋازى پات-پات ئۆيگە باستۇرۇپ كىرىپ
پارىڭىمىزنىڭ ئەڭ مۇھىم يەرلىرىنى بۇزىۋېتىدۇ.

ئۇلار بىر باھانىلارنى تېپىپ
مېنى يالغۇز تاشلاپ چىقىپ كېتىدۇ.
قۇرۇق بوتۇلكىلاردىن ھاسىل بولغان
تۇرمۇشنىڭ بۇنداق رومانتىك مەنزىرىسى
مېنى خۇددى ھور مۇنچىسى ئىچىدە تۇرغاندەك
ھېس قىلدۇرىدۇ.
مەن ئىشىكنى قۇلۇپلايمەن:
ئىشقا بېرىشىم كېرەك!           

مېنىڭ موللاق ئاتقۇم كېلىدۇ.
مېنىڭ ئۆزۈمنى ئۆلتۈرىۋالغۇم كېلىدۇ.


1994- يىل ئىيۇن، بېيجىڭ